rjiمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
«كۇرتلار ۋادىسى» (يەنى بۆرىلەر ۋادىسى) فىلىمىدىكى پولات. ئەلەمدارنىڭ سۆيگىنى ئەلىفنىڭ رولىنى ئالغان ئۆزگۈ. نامال 1978-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى كۇبلاي، ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاكىلە. نامال. ئۆزگۈ. نامال باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇا مەكتەپنى ئۈسكۇدار جۇمھۇرىيىتى مەكتىپىدە ئوقۇدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت كونسىرىتى ئىنىستىتوتى تىياتىر كەسپىدە ئوقۇپ تاماملىدى. 1997-يىلدا بولسا رەسمىي بىر ئارتىس سۈپىتىدە «مەسەل ھەقىقىتى» ناملىق تىياتىردا رول ئېلىپ، بالىلار فىلىملىرىدە رول ئېلىش بىلەن تۇنۇلدى. 1998-يىلى «بىزنى كەچۈرۈڭ ئەپەندىم» («ئاففەت بىزى ھوجام») ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىش ئارقىلىق تېلېۋىزور ئېكىرانلىرىدا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇ يەنە «كارەتە جان»، «يەتتە قات ئىستانبۇل» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ تۇنۇلۇشقا باشلىدى.rjiمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
2000-يىلى «فورا تىياتىرى» ناملىق ئالاھىدە بىر تىياتىردا، «ئوپئۇچۇق» (يەنى تۈرۈكچىسى ئاپئاچىك)، «تەكرار چالسام»، «تەسىرلىك پاراڭلىشىشلار»، قاتارلىق كىنولاردا، «كىرەم»، «ھاۋادا بۇلۇت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالدى.rjiمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
2002-يىلى بولسا «سىر بالىلىرى» ناملىق فىلىمدە رول ئالدى. بۇ فىلىمدە رو ئېلىپ «14-قېتىملىق ئەنقەرە كىنو بايرىمى» دا «ئۈمۈدلۈك ياش ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2004-يىلى بولسا «بۈيۈك»، «سۆزلە ئىستانبۇل» فىلىملىرىدە رول ئالدى. شۇ يىلى يەنى 2004-يىلى ئىستانبۇلدا دۆلەتلىك تياتىر بولغان «تاراف تۇتماك» فىلىمدە رول ئالدى.rjiمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
«كۇرتلار ۋادىسى» فىلىمىدە ئەلىف رولىنى ئالغان ئۆزگۈ. نامال بۇ كىنودا رول ئېلىپ «ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس» نامغا ئېرىشتى ۋە بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئايال ئارتىس بولۇپ قالدى. 2008-يىلى بولسا بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ كىنودا رول ئالدى.rjiمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
بۇ داڭلىق ئايال ئارتىس ئۆزگۈ. نامال 2009-يىلى يازدىن باشلاپ داڭلىق يازغۇچى ئورھان. كەمالنىڭ ئۆلمەس ئەسىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن «خانىمنىڭ ئېتىزلىقى» (يەنى تۈرۈكچىسى ھانىمىن چىفىتلىگى) ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئېلىشقا باشلىغان ۋە يەنە ئېلان فىلىملىرىدە رول ئېلىشقا باشلىغان.rjiمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
ئۆزگۈ. نامال باش رول ئالغان «خانىمنىڭ ئېتىزلىقى» ناملىق فىلىمنى تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى تەسۋىيە قىلىمىز.
|