ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز مېھمان ، مىراس تور بېكىتىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
بــۈگــۈن :
باش بەت
خەۋەر مەركىزى
MTV
ناخشىلار
كىنولار
ۋىـدىـئــو
ئىتوتلار
چولپانلار
ئويۇنلار
چۈشۈرۈش
رەسىملەر
مۇنبەر
Miras
Miras

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > چولپانلار > ئۇيغۇر چولپانلار

ماھىرە ئەمەت

ۋاقتى : 2012-01-31 11:31:31
مەنبەسى :
كۆرۈلىشى : 9
تەھرىر :

 Ggeمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站

ماھىرە ئەمەت 1987–يىلى 5–ئاينىڭ 24–كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1998–يىلى 11 يېشىدا بېيجىڭ شېڭجى ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ خەلچەم سىدىق ئۇسسۇل سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. ئاتاقلىق سەنئەتكار ، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس خەلچەم سىدىقنىڭ تۆت يىللىق جاپالىق تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە كەسىپ ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردە تولۇق پىشىپ يېتىلىپ، 2002–يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتكۈزۈپ شۇيىلى 7–ئايدا شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.
ماھىرە ئەمەت ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئۆز ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان قىسقىغىنە 10 يىل جەريانىدا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2005–يىلى 5–نۆۋەتلىك ‹‹نىلۇفەر لوڭقىسى›› ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ‹‹تاش ئۇسسۇلىنىڭ سالىسى››نى ئويناپ، ‹‹ئون مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتى›› ۋە ‹‹مىللىي ئۇسسۇل گۈلى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2006–يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 3–نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكىدە ‹‹مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2007–يىلى شىنجاڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە يالغۇز كىشلىك ئۇسسۇل ‹‹ئاققۇ ئۇسسۇلى››نى ئورۇنلاپ ، ئورۇنلاش ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى بۇ ئۇسسۇل يەنە 6–نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹نىلۇفەر لوڭقىسى›› ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئورۇنلاش مىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2009–يىلى ئۇ ئورۇنلىغان ‹‹ئاققۇ ئۇسسۇلى›› ناملىق ئۇسسۇل 3–نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2009–يىلى ‹‹قۇملۇق گۈلى›› ناملىق ئۇسسۇلى 7–نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹نىلۇفەر لوڭقىسى›› ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئورۇنلاش كۈمۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2010–يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكىدە ‹‹ئەڭ ياخشى ئارتىس›› مۇكاپاتىغا ئېرشكەن .
 
ھەمبەھىرلەش :
ئىسمى : پارول : تەستىق كودى : نامسىز يوللاش

تەۋسىيە قىلىنغانلىرى
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
    مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر يوق
ئەڭ يېڭىلىرى
ئەڭ ئاۋاتلىرى
ھــەمـكـارلـىـق ئـۇلـىـنـىـشـلـىـرى
 
ulinix.cnkarwanulinix.cnnurqutuyghurqqelnepmirxaphttp://www.rohlan.bizhttp://www.dangdar.netizda
http://www.yolyar.com/http://www.zimistan.com/http://www.uyghur.cc/http://oghlan.netsawdahttp://www.iliho.net/logo.gifhttp://www.torla.cn/http://ular.cntutaxomak
www.qolpan.bizhttp://www.emran.cn/http://www.ulugwar.comxahzad
Copyright @ 2011-2013 miras.biz All Rights Reserved 米拉斯维吾尔门户版权所有
بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى مىراس تور بېكىتىگە تەۋە ! ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ !
تور بېكىتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ، سىياسىيلىقى كۈچلۈك بولغان ۋە سېرىق - شەھۋانىيلىق تۈسىنى ئالغان مەزمۇنلارنى بىردەك قاتتىق چەكلەيدۇ!
بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ۋاستە ئۇچۇرلىرى توردىن يىغىلغان ، نەشىر ھوقۇقىغا چېتىلىپ قالغان بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز!
مۇلازىمەت تېلىفۇنى : 13649935240
QQ نومۇرى : 572263580 , 804441002
ئېلخەت : miras@139.com
QQ توپ نومۇرى : 138525102

     
miras.biz