تۇغۇلغىنىغا ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقنى ئانىسى باغچىغا ئاپىرىپ ئويناتماقچى بولۇپ ئاممىۋى ئاپتوبوسقا ئولتۇرغان. شوپۇر شۇ كۈنى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ماشىنىنى ئەتراپلىق تەكشۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن، يېرىم يولدا ئاپتوبوسنىڭ تورموزى ئىشلىمەي يەنە بىر ماشىنا بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن، بوۋاق يارىلانغان. دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بوۋاقنىڭ سول مۈرىسى ئۇۋىلىش خارەكتېرلىك سۇنغان بولۇپ، 10-دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالاش يەكۈنى چىقىرىلغان. دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ئۈچۈن جەمئىي 30 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىنغان. كېيىن بوۋاقنىڭ ئانىسى بوۋاقنىڭ نامىدا سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ ئاممىۋى ئاپتوبوس شىركىتىدىن زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان. ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى بوۋاق تۇغۇلغىنىغا ئۈچ ئايلىق بولغان، ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق، ئىستېمالچى بولالمايدۇ، دەۋا قىلىش ھوقۇقى يوق، دەپ قارىغان. fGYمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جاۋابى:fGYمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
بۇ دېلو مىسالى ئىستېمالچىنىڭ سۇبيېكتىنى بېكىتىشكە، يەنى قانداق كىشىلەرنىڭ ئىستېمالچى بولالايدىغانلىقىغا چېتىلىدۇ.fGYمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن پەقەت ئىستېمال قىلىش مەقسىتىدە تاۋار سېتىۋالغان، مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغان بولسىلا، ئۇنىڭ تەبىئىي شەخس ياكى ئورۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئىستېمالچى دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ، بوۋاقلارمۇ ئىستېمالچىلار دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇ دېلودا ئۈچ ئايلىقتىن ئاشقان بوۋاق ئىستېمالچى دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ، بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ بوۋاقنىڭ نامىدا دەۋا قىلىشى توغرا. ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 10 ياشقا كىرمىگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلاردۇر، ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىنى قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا بۇ دېلودا بوۋاق دەۋاگەر بولۇپ، بوۋاقنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ۋاكالىتەن دەۋا قىلسا بولىدۇ. بۇ دېلو بوۋاق ئىستېمال پائالىيىتىدە زىيانغا ئۇچراپ دەۋا قىلغان ئەھۋالغا كىرىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا يەنە بىر خىل ئالاھىدە ئەھۋالمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ تۇغۇلمىغان ھامىلە ئىستېمال پائالىيىتى داۋامىدا زىيانغا ئۇچرىسا، قانداق دەۋا قىلىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، ھامىلىدار ئاياللار لاياقەتسىز دورا ئىشلەتكەنلىكتىن ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىش. بۇ خىل ئەھۋالدا ھامىلە ئىستېمالچى سۈپىتىدە دەۋا قىلامدۇ ياكى ھامىلىنىڭ ئانىسىنىڭ نامىدا دەۋا قىلىشى كېرەكمۇ؟ دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتە ھامىلىنىڭ نامىدا دەۋا قىلغان دېلو يوق، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىمۇ ھامىلىنىڭ ئىستېمالچىنىڭ سۇبيېكتلىق لاياقىتى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان. چەت ئەللەردە ھامىلىنىڭ نامىدا مۇلازىمەت تىجارەتچىلىرى ئۈستىدىن دەۋا قىلغان دېلو مىساللىرى بار. دەرۋەقە دۆلىتىمىز قانۇنلىرىدا ھامىلىنىڭ قانۇنىي ئورنى بەلگىلەنمىگەن. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋاللار ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنى ئاساس قىلمايدۇ، ئەكسىچە ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىدىكى جىسمانىي ساغلاملىق ھوقۇقىغا چېقىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى ئاساس قىلىپ زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. دورىنىڭ سۈپەت مەسىلىسى ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ پەرەز قىلساق، ھامىلە ئانا بەدىنىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغانلىقتىن ھامىلىگە زىيان يەتكۈزۈش ئانىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ئانىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئانا ئىستېمالچى سۈپىتىدە تۆلەم تەلەپ قىلسا، تۆلەم تەلىپى جىسمانىي ساغلاملىقى زىيانغا ئۇچرىغانلىق بولىدۇ، تۆلەم سوممىسىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا ياكى«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ روھىي زىيىنىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكە ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» غا ئاساسەن روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.fGYمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站 |