Ux7مىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
شى جىنپىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇردى
شىنخۇا تورى لوس ئانجېلىس 17-فېۋرال تېلېگراممىسى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىپىڭ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 17دە ئامېرىكىغا قىلغان بەش كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، لوس ئانجىلىستىن ئېرلاندىيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋاشىنگتون، لوۋا شتاتى ۋە كالىفورنىيە شىتاتىدىكى لوس ئانجېلىس قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىدېن بىلەن سۆھبەتلىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئىقتىساد- سودا پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچراشتى.
ئامېرىكا شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئۈچ دۆلەت زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى. ئۇ يەنە ئېرلاندىيە ۋە تۈركىيىدە زىيارەتتە بولىدۇ. |