ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
12-ئاينىڭ8-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 1:45مىنوت ئۆتكەندە 2011-2012-يىللىق ياۋرۇپا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى باشلىنىپ بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئەنگىلىيە بىرلەشمىسىنىڭ سەركىسى مانچېستېر كۇماندىسى مىھمان مەيداندا پەقەت رەقىبى بىلەن تەڭلەشسىلا گۇرۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىدىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ رەقىبى بارسېل كۇماندىسىغا1:2نەتىنجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ رەقىبىنىڭ بۇ گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر دانە گۇرۇپپىدىن چىقىش بىلىتىنى تارتقۇزۇپ قويۇپ بىچارىلەرچە شاللىنىپ كەتتى.ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
شۇنداقلا مانچېستېر كۇماندىسى 2005-2006-مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىن يەنە بىر قىتىم گۇرۇپپىدىن چىقالماسلىقتەك ناچار نەتىنجىنى ياراتتى.ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر كۇماندىسى پەقەت بارسېل كۇماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويمىسىلا گۇرۇپپىدىن چىقىدىغان بولۇپ ئەگەر گۇرۇپپىدا بىرىنچى بۇلىمەن دىسە بېنفىك كۇماندىسىنىڭ ئىپادىسىگە قارايدىكەن.ئەلۋەتتە بارسېل كۇماندىنىڭمۇ گۇرۇپپىدىن چىقىش يۇلى بۇلۇپ ئۇ بولسىمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر كۇماندىسىنى مەغلوپ قىلىشتۇر.ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
بارسېل كۇماندىسىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئەنگلىيەنىڭ كۇلۇبلىرى بىلەن بولغان 15مەيدان ھەرخىل مۇسابىقىلەردە پەقەت ئىككى مەيدانلا ئوتۇپ باققان بولۇپ بۇ مەيدان مۇسابىقە بارسېل كۇماندىسىنىڭ مانچېستېر كۇلۇبى بىلەن ئۈچۈنچى قىتىملىق ئوچۇرۇشىشى بولۇپ مانچېستېر كۇماندىسى بىر مەيدان ئۇتۇپ ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ باقمىغان.ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر تەرەپتىن ئوۋىن،بارتوف،ئېرنەندىس قاتارلىق توپچىلار يارىلانغانلىق سەۋەپلىك بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغان بولۇپ كېرىك كارتا سەۋەپلىك تۇختىتىلغاندىن سىرىت مانچېستېر كۇماندىسىنىڭ باشقا ئاساسلىق ئەزالىرنىڭ ھەممىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالايدىكەن.ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
مۇسابىقىدىن بۇرۇن بارسېلدا يامغۇر ياغقان بولۇپ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن تۇختاشقا باشلىغان،ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا مانچېستېر كۇماندىسى ئۆزىنىڭ كامالەتكە يەتكەن توپ كونتىرول قىلىش تېخنىكىسىنى ياخشى جفرى قىلدۇرۇپ مەيداننىڭ تەرتىپىنى ياخشى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ بارسېل كۇماندىسىنىڭ مۇداپىيەچىلىرنىڭ بىشىغا توپنى ياغدۇرۋەتتى،مانچېستېر كۇماندىسىنىڭ توپ كونتىرول قىلىشىنىڭ ياخشى بۇلۇشى،مەيداندىكى پاسلىرنىڭ دەل بۇلۇشى ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرنىڭ بىر-بىرىدىن ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى ھەمدە بۇ خىل تىرىشچانلىقى مۇسابىقە باشلىنىپ 9مىنوت بولغاندا نەتىنجە بەردى.....ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
يەنى ۋىدىك بىلەن سېرمىن توپنى سىرتقا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن تەپكەندە ئۆز-ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ سېرمىن يارىلىنىپ يىقىلدى،شېرىك سول تەرەپتىن توپنى قاتتىق تېپىپ ۋارتار ئالدىغا يەتكۈزگەن توپنى دېخىچ توسۇپ چىقىرىۋەتتى،سېرتول قايتىپ كەلگەن توپنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋارتارغا قارىتىپ تېپىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1:0قىلىپ بارسېل كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىشىغا ئاساس سالدى،ھەمدە بۇ توپ بارسېل كوماندىسىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 4-تۇپى بولۇپ بۇنىڭدا سېرتول بۇ 4توپنىڭ ئىككىسىنى ئۆزى كىرگۈزۈپ،ئىككىسىنى پاس بېرىپ كۇلۇبقا زور شان-شەرەپ كەلتۈردى.ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
شۇنداق قىلىپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتسا ياكى تەڭلەشمىسە بولمايدىغان مانچېستېر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئالدىراش ھالدا ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ بارسېل كوماندىسىنىمۇ خېلى تەمتىرەتتى.ھەمدە كونكا،نانى قاتارلىق ئەزالار ئىككى تەرەپتىن ياخشى ماسلىشىپ نۇرغۇنلىغان ياخشى پۇرسەتلەرنى ياراتقان بولسىمۇ لېكىن مانچېستېر كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىلىرى بۇ پۇرسەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئىسراپ قىلىپ كەلدى.ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
ئەڭ چاتاق يېرى مۇسابىقە باشلىنىپ 42مىنۇت بولغاندا مانچېستېر كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ۋىدىك قارشى تەرەپ ئەزاسى بىلەن توپ تالاشقاندا قاتتىق يارىلىنىپ مەيداندىن ئايرىلدى،ئورنىغا ئېۋىنسېن چىقتى،بۇ ئىش مانچېستېر كوماندىغا قاتتىق زەربە ئىلىپ كەلگەن بولۇپ مۇسابىقىدىن كىيىن كوماندا دوختۇرى ۋىدىكنىڭ پۇتىنىڭ سۇنغانلىقىنى ئاز بولغاندىمۇ 4ئاي دەم ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
بۇنىڭلىق بىلەن مانچېستېر كوماندىسىنىڭ يامان چۈشى تېخى ئاخىرلاشمىغان بولۇپ مۇسابىقە داۋاملىشىپ84مىنۇت بولغاندا بارسېل كوماندىسىنىڭ ئەزاسى شېرچىل ئوڭ تەرەپتىن توپنى ئۇتتۇرغا سالغان توپنى فورىل تېپىپ كىرگۈزۈپ بارسېل كوماندىسىنىڭ 5-توپىنى كىرگۈزدى شۇنداقلا كوماندىسىنىڭ 16كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشىگە ھەمدە مانچېستېر كوماندىسىنىڭ نومۇرنى تەڭلەشتۈرۈش ئۈمىدىنى ئۈزۈل-كېسىل يوققا چىقاردى.ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
گەرچە مانچېستېر كوماندىسىدىن فېر بىر توپ سېلىپ نەتىجىنى1:2قىلىپ ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ مانچېستېر كوماندىسىنىڭ شاللىنىپ كېتىشتەك تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى.ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
شۇنداق قىلىپ ئىزچىل تۈردە بۇ مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپ كەلگەن مانچېستېر كوماندىسىدەك مۇشۇنداق بىر زەردار كۇلۇب بىر قارا تۇلپارنىڭ ئالدىدا يىقىلدى.ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站
ZfDمىراس تور بېكىتى & Miras.Biz & 米拉斯门户- 维吾尔文网站 |