گېزىتىمىز مۇخبىر جۇ جىياشىڭ جۇ جۈنۋېي ئىختىيارى مۇخبىر جۇ ۋېن
بۇ يەتتە ياشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر كۆڭۈللۈك كېچە، KTVگە بېرىپ ناخشا ئېيتىپ، شۇ كېچىدىكى بىر ۋاق تاماق—ئەگەر بۇ ئەڭ ئاخىرقى «نۇمۇر» بولمىغان بولسا : ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش.
ئەپسۇس، بۇ دۇنيادا پۇشايمان دورىسى يوق.
بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى، ئەڭ ئاخىرىدا ماشىنا ھەيدەپ ئوينىغان بىلەن، بەش ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
شىددەتلىك سوقۇلۇش نەتىجىسىدە، مازىدا ماشىنا مىجىلىپ كەتتى
ۋەقە تەخمىنەن كېچە سائەت ئۈچ يېرىم ئەتراپىدا يۈز بەرگەن.
ھادىسە يۈز بەرگەن جاي ئۆلكىلىك 01نۇمۇرلۇق تاشيول.خې جياخەي يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا تەخمىنەن بىر كىلومېتىر قالغان جاي، ئازراقلا قايرىلساق، تەخمىنەن 30 گىرادۇس ئەگىلىدىغان يول.
ئەمما ۋەقە چىققان بۇ مازىدا 6 ، مۇشۇ يەردىنمۇ ئايلىنىپ ئۆتەلمىگەن.
تۈنۈگۈن سەھەر سائەت ئالتىدە، نەق مەيدانغا برغان مۇخبىر ماشىنىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكەن چاق، سېمىنۇتنىڭ ئۈستىدە قېلىپ ئۈچ مىتىردىن ئۇزۇنراق ئىز، يول بويىدىكى سوقۋېتىلگەن ئۈچ تۈپ دەرەخ، ئەڭ ئاخىردا ئۆرۈلگەن ماشىنا قاتارلىقلارنى كۆرگەن.
نەق مەيدان تەكشۈرۋاتقان بىر ساقچىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە: ماشىنا بەك شىددەت بىلەن سوقۇلغان، ماشىنىنىڭ چوڭ-كىچىك زاپچاسلىرى ھەممىسى ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەن، « ماشىنا سوقۇلۇپ پارچىلىنىپ كەتكەن».
نەق مەيداننىڭ يان تەرىپىدە، «ھادىسە بىر تەرەپ قىلىش»دەپ تاختاي ئېسىقلىق ۋۇلىڭ ماشىنا توختىتىپ قويۇلغان، ۋەقە يۈز بەرگەن كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتكەن ھەر خىل زاپچاسلار ئۇ ماشىنىغا لىق بېسىلغان.مۇخبىر يەنە بىخەتەرلىك لىمى، سوقۇلغان ماشىنىنىڭ ئىشىكى، ئەينەك، يەنە بىر ئايالچە ئاياق بار ئىكەن.
مۇخبىر نەق مەيداننى ئايلىنىپ، يەنە مازىدا ماشىنىنىڭ ماركىسىنى تاپقان، يەنە چېچېلىپ كەتكەن جىق ئىسىم كارتىسى بار ئىكەن.
يەنە بىر قاتناش ساقچىسى مۇخبىرغا:«بۇ يولدا ئەڭ تېز مېڭىش 50كىلومىتىردا چەكلىنىدۇ، بىراق نەق مايداندىكى ماشىنىنىڭ بۇنداق شىددەتلىك سوقۇلغىنىغا قارىغاندا، مازىدا ماشىنىنىڭ سۈرئىتى بەك تېز، ماشىنىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كونكىرىت سۈرئىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ، ھازىرقى مۆلچەرىمىزدە، بەكلا تېز.»
ماشىنىدا يەتتە ئادەم بار بولۇپ، بەشى ئۆلگەن ئىككىسى يارلانغان
ماشىنا سوقۇلۇپ بۇنداق بۇلۇپ كەتكەن يەردە، ئىچىدىكى ئادەمنى بىر نېمە دېمەك تەس.
نەق مەيداندا قاتناش ساقچىسىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ماشىنىدا يەتتە ئادەم بار بولۇپ، ئۇلار دېلو مەلۇن قىلغاننى ئاڭلاپلا كەلگەندە، شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر ئادەم ماشىنىغا قىسىلىپ قالغان، قالغان ئالتە ئادەم ماشىنا سىرتىغا ئۇچۇپ كەتكەن.
يەتتە شۇ يەردىكى ئىككى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەشى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن، يارلانغان ئىككىسى جىددىي ئوپراتسىيە قىلىنغان.
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، خەينىڭ قاتناش ئەتىرتىدىكلەر ئاخبارات ئېلان قىلغان، خەينىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ جېڭمىڭ يۇقارقى مەزمۇنلارنى تەستىقلىغان.
جوۋ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ مازىدا ماشىنىغا ئەسلى بەش ئادەم ئولتۇرۇشى كېرەك، بىراق يەتتە ئادەم ئولتۇرغان، ئۈچ ئەر تۆت قىز.
بەخىتكە يارىشا ساق قالغان ئىككىسىنىڭ بىرى ئەر بىرى ئايال، ئەرنىڭ كۆكرەك قىسىمى يارلانغان ۋە جېگەر يېرىلغان، ئايالنىڭ باش قىسىمى سىرىتتىن يارلانغان، كۆپ جايدىكى سۆڭەكلەر سۇنغان، كۆكرەك قىسىمى يارلانغان ھەم قوۋۇرغا سۆڭىكى سۇنغان.
بىر قاتار قۇتقۇزۇش ۋە ئوپراتسىيىدىن كېيىن، ئىككى نەپەر يارلانغۇچىنىڭ ئەھۋالى پەيدىنپەي مۇقىملاشقان، ئەمما خەتەردىن ئۈزۈل-كېسىل ئۆتۈپ كەتكىنى يوق، ئارىسىدىكى ئەر يارلانغۇچى جاڭ نۆۋەتتە ھۇشىغا كەلگەن بولۇپ، ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى.
بۇ جاڭ شۇ ماشىنا ھادىسسىدىكى ماشىنا ھەيدىگەن شوپۇر ئىكەن.
ۋەقە تۇغدۇرغۇچى شوپۇر، مەست ھالدا ماشىنا ھەيدىگەن
يارلانغۇچى شوپۇر جاڭ 21 ياش، خەينىڭ شەھەرلىك خەيچاڭ كوچىسى داۋ شۇاڭشى كەنتىدىن.
جاڭ نىڭ دېيىشىچە، ماشىنىدا يەتتە ئادەم بولۇپ، ھەممىسى دوست، ئالدىنقى كۈنى كېچىدە، ئۇلار خەينىڭدىكى KTV دا يىغىلىپ ئويناپ، كەينىدىن بىر ئاشخانىغا بېرىپ كېچىلىك تاماق يېگەچ ھاراق ئىچكەن.
ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئۇلار بىردىنلا روھلىنىپ، ماشىنا ھەيدەپ كونا ئۆلكىلىك 01تاش يولىغا سەيلە قىلغىلى چىقىدۇ، كىم بىلسۇن ، پاجىئە يۈز بېرىدۇ.
ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خەينىڭ قاتناش ئەتىرتىدىكىلەر يەتتە ئادەمنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى ئۆلچىگەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ئەڭ يۇقىرىسىنىڭ mg/ml0.96، ئەڭ تۆۋىنىنىڭmg/ml 0.26 چىققان.
بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ماشىنا ھەيدىگەن شوپۇرنىڭ بولسا mg/ml0.93چىققان بولۇپ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشكە كىرىدىكەن.
نۆۋەتتە، جاڭ ئاللىقاچان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئاشكارە بولىشىچە، بۇ مازىدا ماشىنىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئىگىسى بولسا، جاڭ نىڭ دادىسى، ساقچى تەرەپ قائىدىگە خىلاپ قىلىمىشى خاتىرسىنى تەكشۈرگەندە، بۇ ماشىنىنىڭ ئۆتكەن يىلى 18قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىمىشى بار بولۇپ، ئارىسىدىكى ئىككىسى سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ماشىنا ھەيدىگەن ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرنىڭ ئىچكىرلەپ ئىگەللىشىچە، جاڭ گەرچە ماشىنىدىكى ئادەملەرنى دوستۇم دېگەن بولسىمۇ ھەتتا بەزىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمىگەن، ئەمىليەتتە ئۇمۇ ئېنىق بىلمەيدىكەن.
نۆۋەتتە، جاڭ تەمنىلىگەن ئەھۋالغا ۋە نەق مەيداندا تېلپىغان سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئاساسەن، ساقچى تەرەپ پەقەت ئۈچ ئادەمنىڭلا سالاھىيىتىنى بېكەتلىگەن.قالغان ئىككى نەپەر ئۆلگۈچىنىڭ ۋە ھېلىقى يارلانغان قىزنىڭ سالاھىتى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ. |